دەۋا ئۇقۇمى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

تەييارلىغۇچى:  كۆكئالىپ ، بانۇ سۇتۇق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-05

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۇ يازمىدا دەۋا قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىلىپ، نۆۋەتتىكى دەۋا پائالىيەتلىرىمىز تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. پات ئارىدا تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر دەۋا پائالىيىتى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

خەلقئارادا قوللىنىۋاتقان نەزەرىيىلەرگە ئاساسلانغاندا، دەۋا ئۇسۇلى ( يەنى دەۋا قىلىش مىتودى) بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

بىۋاستە دەۋا ئۇسۇلى قانۇن چىقارغۇچى ئورۇنلار، يەنى ھۆكۈمەت، پارلامېنىت قاتارلىقلاردا ئىشلەۋاتقان، قانۇن چىقىرىشقا بىۋاستە قاتنىشىدىغان خادىملار، ياكى بۇ جەھەتتە تەسىر كۈچى بار شەخىسلەر بىلەن مەلۇم دەۋا ئۈچۈن بىۋاستە ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت دەۋا پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  مەسىلەن، كالفورنىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە يېقىندا شۇ رايوننىڭ ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى «2019 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسى» گە ساھىب چىقىشقا قارار بەرگەن. بۇ دەل بىۋاستە دەۋا قىلىش ئۇسۇلىنىڭ نەتىجىسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ قانۇن لاھىيىسى جازا لاگىرىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىقتىساد ۋە سەپەر قىلىش  جەھەتلەردە چەكلىمە قويىدىغان يەرشارى ماگنىتسىكى قانۇنىنى يولغا قويۇشنى قايتا تىلغا ئالغان. نۆۋەتتىكى باسقۇچتا دەۋا پائالىيىتى يۇقىرىدىكىدەك كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇن لاھىيىسىغا ئاۋاز بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولسا، قانۇن لاھىيىسى ماقۇللاندىن كېيىنكى باسقۇچتا پىرىزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ قانۇنغا قول قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ جەريانلار بىۋاستە دەۋا قىلىش ئۇسۇللىرىدىن بولۇپ، تەشكىلاتلار ۋە خەلقتىن ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنىت ئەزالىرى بىلەن تېلېفۇن قىلىش، خەت يېزىش قاتارلىق يوللار بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. دىمەك، بىۋاستە دەۋا قىلىش ئۇسۇلىدا يەتمەكچى بولغان مۇددىئا كونكىرىت ۋە نەتىجىسى ئېنىق بولىدۇ.

 ۋاستىلىق دەۋا ئۇسۇلى خەلق ئارىسى، يەنى ئاساسى قاتلامدا ئېلىپ بېرىلىدىغان دەۋا پائالىيەتلىرىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، شۇ دۆلەتتىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ۋە دەۋا ئىگىلىرىدىن بولسىمۇ ھەرىكەتلەندۈرۈشكە، قوزغىتىشقا ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرنىڭ مەلۇم دەۋاغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە سەپكە قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ دەۋا ئۇسۇلىنىڭ نىشانى خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، خەلقنىڭ كۈچى ئارقىلىق قانۇن چىقارغۇچى ھۆكۈمەت ياكى تەشكىلاتلارغا تەسىر ۋە بېسىم بېرىش يولى بىلەن دەۋاغا خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ، نەتىجىسى كۆپ ھاللاردا كونكىرت بولمايدۇ، ھەتتا قاتناشقان خەلق ھىچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى دەپمۇ ئويلاپ قېلىشى مۈمكىن. ئەمما ئۇزاق مۇددەت، ئۈزلۈكسىز ۋە كۆپ خىل تۈردە داۋاملاشقاندا نەتىجە كۆرۈلىدۇ.

مەسىلەن، 2018-يىلى 27- ئاپرېل بېلگىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ نامايىشلىرى ۋاستىلىق دەۋا ئۇسۇلىغا كىرىدۇ. بۇ نامايىشلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدىكى خىزمەتلەرگە ھىچقانداق بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى.  بۇ نامايىشلار توغرىسىدا خەلقئارادا تەسىر كۈچى بار بىر قانچە مەتبۇئاتلاردا خەۋەرلەر بېرىلدى.

تۈركىيىدە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان كۆپلىگەن نامايىشلار، تەشكىلات پائالىيەتلىرى ۋە 2018 – يىلىدىكى ئەنقەرەگە يۈرۈشلەر تۈركىيە خەلقى، ئۆكتىچى پارتىيە ۋە مىللەتچىلەردىن نۇرغۇنلىغان قوللىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش قولغا كەلدى. تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋا پائالىيەتلەرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋاستىلىق دەۋا قىلىش ئۇسۇلىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىلىرى خەلقنى سەپەرۋەر قىلىشتا داۋاملىق نامايەن بولىدۇ. ئەمما تۈركىيىدە تېخىمۇ كۆپ جەھەتتە ئىجابى ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچى زور، بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى پائالىيەتلەر ئاساسىدا پائالىيەتلەرنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىشىمىز، تۈركىيىدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ يېڭى شەكىلدىكى ۋاستىلىق دەۋا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىمىز لازىم.

بىۋاستە دەۋا ئۇسۇلى ۋە ۋاستىلىق دەۋا ئۇسۇلى بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، بۇلار  بىرى-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىرىدە ئېرىشكەن ئۇتۇقلار، ئىلگىرىلەشلەر يەنە بىرى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان قانۇن-بەلگىلىمىلەر دەۋايىمىزنى شۇ دۆلەت ، ھەتتا دۇنيا  جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە ئېلىپ كېلىپ، خەلق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاستىلىق دەۋا پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قىزىقىشى ۋە مايىللىقىنى قوزغايدۇ، بۇ خىل پائالىيەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر تۇغۇلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاستىلىق دەۋا ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان دەۋا پائالىيەتلىرى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە (تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش) شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە قارىتا بېسىم پەيدا قىلىپ، دەۋايىمىزنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن دەستەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىزدە ھازىر ھەر ئىككى ئۇسۇل بويىچە دەۋا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىرىمىز بار بولۇپ، ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى، ئىقتىدارى دائىرىسىدە ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەندە، دەۋايىمىزنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەسىرى كۆرىنەرلىك ئاشىدۇ.

نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاستىلىق دەۋا پائالىيەتلىرى كۆپ خىل پائالىيەت تۈرلىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا:

1.     زۇلۇمنى ئاڭلىتىش: كوللېكتىپ ياكى يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىش (Demonstration)، ئېتىراز بىلدۈرۈش (Protest)، گۇۋاھلىق بېرىش، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زۇلۇم ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، تەشكىلات ۋە شەخىس سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئەھۋالىدىن يەرلىك جامائەت، ئورگان، ئۇنۋېرسىتىتلاردا دوكلات بېرىش، خەۋەر بېرىش، مۇلاھىزە ئورۇنلاشتۇرۇش.

2.     ئاخباراتنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش: ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش، يەنى چەتئەل تىلىدىكى مۇھىم ئۇچۇر، خەۋەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا، ئۇيغۇرلاردا بولىۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇچۇر ئېھتىياجىنى قامداش بىلەن بىرگە خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلاردا بولىۋاتقان ئىش-پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئېھتىياجىنىمۇ قامداش. بۇ دەۋا تۈرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، قوللاشنى كۈچەيتىشى زۆرۈر.

3.     ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش: مەنمۇ ئۇيغۇر پائالىيىتى ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان يېڭىچە دەۋا تۈرى بولۇپ، ئۇيغۇلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ھەم خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشتا ئىنتايىن تېز ئۈنۈمگە ئېرىشتى ۋە داۋاملىق ئېرىشكۈسى، كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلدى.

4.     شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي زۇلۇمىنى تونۇشتۇرىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش: فوتو- سۈرەت، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، ئۇيغۇر تائاملىرى يەرمەنكىسى ياكى يىمەكلىك سېتىش ئارقىلىق ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قاتارلىقلار. بۇ پائالىيەتلەر گەرچە دائىرىسى نىسبەتەن تار، ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما كۆرۈرمەنلەرگە تەسىر بېرىش كۈچى زور.

5.     ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى يەرلىك خەلق بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە دوستلۇق ئورنىتىش: شۇ دۆلەتلەردىكى، يەرلىكتىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ۋە ئاۋاز قوشۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋە دەۋايىمىزنى تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ دەۋايىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. مەسىلەن، يەرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش.

6.     مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش: تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە تارىخ ئۈگىتىش ۋە ئۈگىنىش ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ياردەملىشىش، ۋىكىپىدىيە قامۇسىغا ئۇچۇر كىرگۈزۈش تۈرىگە قاتنىشىش قاتارلىقلار. مۇھاجىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم ئىچىدىنمۇ تىرىشىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش روھىنى نامايەن قىلىش باشقىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچان ۋە ئۈمۈدۋار خەلق ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ، بۇمۇ ۋاستىلىق دەۋا ئۇسۇلىنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ.

بىز بۇ تۈرلەرگە يەنە ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلەرنى قوشساق بولىدۇ:

7.     ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، بۇ تۈردە تۆۋەندىكىدەك مىسال بېرىلدى:

 

3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى نەۋرۇز كۈنى، شۇنداقلا 21- مارت خەلقئارا كۆچەت تىكىش كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2012 – يىلى ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنىنى خەلقئارا ئورمان كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. 2019- يىللىق ئورمان كۈنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى “ئورمانلار ۋە مائارىپ” بولۇپ، ئورمانلارنى ئىزچىل ياخشى پەرۋىش قىلىشنىڭ مۇھىتقا قوشۇدىغان تۆھپىسىگە قارىتا تونۇشنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. تۈركىيە دۆلىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2018 – يىلى، ئەردوغان ئۆزى باش بولۇپ، “بىرلىكتە يەنىمۇ يېشىل تۈركىيەنى بارلىققا كەلتۈرەيلى”دىگەن تېمىدا ئورمان ئەھياچىلىقى ھەركىتىنى باشلىدى. بۇلتۇر تۈركىيە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكى تۈركىيە مىقياسىدا پۇقرالارنى دەرەخ تىكىشكە سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقات ۋاراقچىسى ۋە تېرىش ئۈچۈن ئۇرۇق سېلىنغان 23 مىليون كونۋېرىتنى ھەقسىز تارقاتتى.

 

نورۇز كۈنىنى نورۇز ئېشى ئېتىپ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە خاتىرىلەشنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىممىتى يۇقىرى. بەزى قېرىنداشلىرىمىز بۇ كۈندە زور تىپتىكى نامايىش قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا، بۇنىڭ ھىچ خاتاسى يوق. ئەمما نورۇزنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش ئىدىيىسىنى كۈچەيتىشتىكى ئەھمىيىتى خەلقئارا ئورمان كۈنىنىڭ مۇھىتنى ئاسراشتىكى ئەھمىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. تۈركىيىدىكىدەك مۇھىتتا بولسا تۈركىيە ھۆكۈمىتى يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە مەبلەغ سالىدىغان يۇقىرىقىدەك پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيە دۆلىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، شۇنداقلا تۈرك خەلقى بىلەن بولغان قېرىنداشلىق باغلىنىشنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھىتنى سۆيۈش روھىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى بولۇشتىن دىرەك بېرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋە يەرلىك خەلقلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ۋاستىلىق دەۋا پائالىيەتلىرىنى دەۋا ئىشلىرىمىزدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىش مەقسىتىدە دەۋا كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

ئەسكەرتىش:  ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىكى دەۋا پائالىيەتلىرى سان ۋە تۈر جەھەتتە كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. ئىسىم، جاي ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە ئايرىم توختىلىش زۆرۈر بولغاچقا، بۇ يازمىدا تەپسىلى ئۇچۇرلار بېرىلمىدى. 

 

 

پايدىلىنغان مەنبەلەر:

Yu, Z., 2005. Environmental protection: A theory of direct and indirect competition for political influence. The Review of Economic Studies, 72(1), pp.269-286.

https://www.irs.gov/charities-non-profits/direct-and-grass-roots-lobbying-defined

https://courses.lumenlearning.com/boundless-politicalscience/chapter/interest-group-strategies/

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

بەلكىم بۇخەۋەرلەرگىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن

Skip to toolbar