سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى ختتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى جازا لاگىرلىرىنى ئاقلىدى.

سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى: لاگىرلار ھەقلىق، سەئۇدىدا خىتاي تىلى دەرسى ئۆتۈلىدۇ

2019-2-22
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئىليارۇق قىسقارتىلما تەرجىمىسى

مۇھەممەد بىن سالمان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئاقلىدى

ئىنگلىزچىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئىليارۇق

خىتاي دۆلەتلىك تېلىۋېزىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىن سالماننىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئاقلىغان سۆزىنى نەقىل قىلدى.

ئۇ بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا بىلەن مۇنداق دېگەن: « خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېررورىزىم ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ھەققى بار».

مۇھەممەد بىن سالمان جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان ئىدى. ئۇ يەنە خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇھەممەد بىن سالماننى خىتايدىكى زىيارىتىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا چاقىرغانىدى.

سەئۇدى تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد سالمان خىتايدىكى زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت، تىجارەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى مەكتەپلەردە خىتايچە ئۆگىنىشنى مۇھىم پىلان قاتارىغا كىرگۈزگەن. مۇھەممەد سالمان «2030 ئارزۇسى» كەلگۈسى پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش زۆرۈر دەپ قاراپ، سەئۇدىكى مەكتەپلەردە خىتايچىنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىشقا كىلىشكەن.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar