نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى: تۈركىيە خىتاينى مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

ئۇيغۇر ئاياللار قەشقەردىكى سىياسەت دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مەركەزدىن ئايرىلماقتا

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىل 10- فېۋرال

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-12

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تۈركىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىشىنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر نومۇس» دېدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1 مىليون ئەتراپىدا كىشىلەر قامالغان جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا دەۋەت قىلدى، بۇنداق ئەيىبلەش مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ «21- ئەسىردە جازالاش لاگىرلىرىنى قايتا ئاچقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) رايونىدا سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى» ئەيىبلىدى، ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى» غا تاجاۋۇزچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەردە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركلىرى ئېغىر جازا ۋە سىياسىي مېڭە يۇيۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ، بۇ ئاللىبۇرۇن بىر مەخپىيەتلىك ئەمەس.» ئۇ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ھەرىكەتكە كىلىپ، بۇ « ئىنسانلىق تراگېدىيىسى» نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

بۇ بايانات يېقىندا خەۋەر قىلىنغان داڭلىق ئۇيغۇر خەلق شائىرى ۋە مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ خىتاي جازا لاگىرىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سورالغان سۇئالغا قارىتا ئېلان قىلىنغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندى بىر ناخشىسى سەۋەبلىك سەككىز يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا ئۆتىۋاتقان 2- يىلىدا قازا قىلغان.

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى ھازىرغىچە ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى مۇستەقىل ھالدا ئىسپاتلىيالمىدى.

خىتاي ھۆكىمىتى يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا بۇ مۇزىكانتنىڭ ئۆلىمىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرمىدى، شىنجاڭ رايونلۇق ھۆكىمەتمۇ مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. لېكىن، يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر ۋىدىئو خىتاينىڭ ھۆكىمەت ئاخباراتى بولغان خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تۈركچە تورىدا ئېلان قىلىندى.

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنىڭ « ئېغىر پاكىتنى بۇرمىلاش» ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلىمىشىنى ئاقلاپ، بۇنداق قىلىشنىڭ ترورىزىمغا ۋە ئېكسترىمىزمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1990»– يىللىرىدىن باشلاپ، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى « ئۈچ خىل كۈچلەر» (مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئاشقۇن كۈچلەر، زوراۋان تېرورچى كۈچلەر) شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋان تېرورلۇق ۋەقەلىرىنى پىلانلاپ ۋە ئېلىپ بېرىپ، ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ قورقۇنچلۇق ئۇنسۇرلارنىڭ جىنايەت قىلمىشلىرى پەقەت شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) نىڭ بىخەتەر، مۇقىم تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان كەيپىياتنىمۇ بۇزىۋەتتى.»

خىتاي تۈركىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىش پروگراممىسى ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ لاگىرلارنىڭ « تەلىم- تەربىيە مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى، مەقسىدىنىڭ خىتاي تىلى، قانۇن ۋە كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنى ئېكسترىمىزم ئىدىيىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي باياناتىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« خىتاي ھۆكىمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە كۈلتۈرەل كىملىكىنى «يوقاتماقچى» دېگەن ئەيىبلەشلەر قەتئىي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.»

تۈركىيە بولسا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشاۋاتقان دۆلەت، تۈركىيەنىڭ بۇ باياناتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالدۇردى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشى ئىزچىل ھالدا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى توغرىسىدا ئوچۇق ئىنكاس بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېسىم قىلماقتا.

گەرچە نۇرغۇنلىغان ئىسپاتلار شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش، ئىدىيە سىڭدۈرۈش ۋە باشقا ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى بارلىقىنى ئىسپاتلاۋاتسىمۇ، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران ۋە پاكستان قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە قارىتا نسپەتەن سۈكۈتتە تۇرماقتا—بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنىڭ ئۈلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. گەرچە مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە ھۆكىمىتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئەنسىرەشلىرىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەنىڭ باياناتى ھازىرغىچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئەڭ كۈچلۈك ئاۋاز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىك، پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ۋاشىنگتوندىن تېلىفۇندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى :« بىزنىڭ ئارىمىزدىن كۆپلىگەن كىشى تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەيدانىنى ئەيىبلىگەنىدى، بىراق بۈگۈن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى. بۇ بىزگە زور ئىلھام بولدى. بۇ بىزگە كۈچ ۋە تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە باشلامچى بولۇپ خىتايغا تېخىمۇ چوڭ بېسىم ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىدىن ئۈمىد بەردى

تۈركىيە يېقىندا ئېنېرگىيە ۋە ترانسپورت ساھەسى ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىدىن 3 مىليارد 600 مىليون دوللار قەرز ئالغىنىغا قارىماي، يەنىلا بۇ باياناتنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى 100 دىن ئارتۇق يازغۇچى، ئاكادېمىك ۋە باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى نىشانغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى ۋە كۈلتۈرەل خاتىرىسىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

 گېرمانىيىنىڭ كورنتېلدىكى ياۋروپا كۈلتۈر ۋە ئىلاھىيەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى مۇتەخەسسىسى ئادرىئان زېنزنىڭ دېيىشىچە، گەرچە سىياسىي پايدا- زىياننى دەڭسەش چوقۇم تۈركىيەنىڭ ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قارارىنىڭ بىر قىسمى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى بەلكىم «چېلەكتىكى تامچە سۇنىڭ چىلەكنىڭ تېشىشىغا سەۋەب بولغان بولىشى » مۇمكىن.

ئادرىئان زنېنز ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: « ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ نامى دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىغان. ئۇ مەركەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر ساھەسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈلتۈرەل ئالاقىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.»

ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى، تۈرك تىللىرىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندىگە بولغان مەدھىيىلەرگە تولدى، ئابدۇرېھىم ھېيت ئەڭ بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ھاياتنى يازغان مۇزىكانتلارنىڭ بىرى. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ناخشا ۋىدىئولىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندى 1999- يىلى قەشقەردە نيو يۇرك ۋاقىتى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: « مۇزىكا ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىسىدىن بىرى. بۇ يەردىكى خەلق ئامېرىكىنىڭ كۆينەكلىرىنى كىيىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى مۇزىكا شۇنداق بىر قەلبنىڭ سىموۋولىكى، ئاستا ئۆزگىرىدۇ.»

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar