ئابدۇرېھىم ھېيت كىرزىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك ؟

ئاپتورى: ھېچكىم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-10

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۇ يازمىدا تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى باياناتىنىڭ سەۋەبى، ئابدۇرېھىم ھېيت كىرزىسى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

 

2– ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي ۋە مىللى قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئوچۇق بايانات ئېلان قىلدى . باياناتىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلغان جازا لاگىرلىرى سىر ئەمەس . كۈلتۈرەل ئاسىلمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر تۈركلىرى خالىغانچە تۇتۇقلانماقتا. 21- ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلار ئىنسانىيەتنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرىدۇ . ب د ت ھەرىكەتكە كېلىپ جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىشى كېرەك ….» دېگەندەك جۈملىلەرنى قوللاندى. بۇ بايانات بەلكىم دۇنيادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلمى ھەققىدىكى باياناتلار ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بايانات بولىشى مۇمكىن. ۋال كوچىسى گېزىتى  ۋە ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى قاتارلىق دۇنياۋى نوپۇزغا ئېگە گېزىتلەرمۇ تۈركىيەنىڭ باياناتىنى «خىتايغا قارشى ئەڭ قاتتىق بايانات » دەپ ئېلان قىلىشتى.

تۈركىيەنىڭ باياناتى خەلقئارا مېدىيالار ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئېمىننىڭ « تۈركىيەنىڭ باياناتى ۋەزىيەتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن باھاسى يۇقارقى ئىككى خەلقئارالىق چوڭ گېزىتلەردىن ئورۇن ئالدى.

لېكىن، بۈگۈن تۇيۇقسىز سەنئەتكارىمىز ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋىدىئوسى تارقىلىپ، ۋېدىئودا ئابدۇرېھىم ھېيت گەپ قىلغان كۈنىنىمۇ قوشۇپ تۇرۇپ « مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، گۇمانلىق دەپ تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىمەن، زورلاش بولمىدى» دېدى. بۇنىڭ بىلەن تۈركچە ئالاقە ۋاستلىرىدا ئابدۇرېھىم ھېيت كىرزىسى يۈز بەردى. نۇرغۇن كىشىلەر ئەمدى تۈركىيە نېمە دەر؟  ئۇيغۇرلارغا ۋە ۋەتەندىكى زۇلۇملارغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالارمۇ ؟ باياناتىدىن يېنىۋالارمۇ ؟ بىز قانداق قىلشىمىز كېرەك دەپ ئەندىشىلەندى. تۈركىيەنىڭ بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ سەۋەبىگە كېلىشتىن بۇرۇن شۇنى دەپ ئۆتۈپ كېتىش زۆرۈر. خىتاي بۇنىڭلىق بىلەن ئاققۇ بولۇپ قالمايدۇ. جېق ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئەقىلنى ئىشلىتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك .

باشتا تۈركىيەنىڭ بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تەھىلىل قىلايلى. بۇ ئىشلار تېخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئېنىق سەۋەبىنى توپتوغرا بىلەلمەيمىز، لېكىن پەرەز قىلساق بولىدۇ. توغرا ياكى خاتا چىقىشى باشقا مەسلە.  

1– تۈركىيە تۈرك خەلقىدىن كېلىۋاتقان غايەت زور بېسىمنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ. بۇلتۇردىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ۋەتەنسۆيەر ياشلار، چوڭلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم تۈركىيەنىڭ بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغىچە ئاڭلىتىلدى. نەتىجىدە تۈركلەر ئۆزلىرى ئۇيغۇرلاردىنمۇ بەك كۈچەپ خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى پاش قىلدى. پارتىيە ۋە مىللەت ۋەكىللىرى ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرىشىنى ئەيىبلىدى. خەلق نارازى بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەت ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.

2– خەلقئارانىڭ بېسىمى. غەرب مەتبۇئاتلىرى ھە دېسىلا تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستانلارنى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى كۆرمەسكە سېلىۋالدى دەپ ئەيىپلىدى. بۇمۇ تۈركىيەگە تازا بېسىم بولغان ئىدى.

3– تۈركىيە خىتاي بىلەن بەزى مەسىلىلەردە كېلىشەلمىگەن بولشى، ياكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تۈركىيەگە ھەقسىز شەرتلەرنى قويغان بولىشى مۇمكىن . چۈنكى خەۋەرلەرگە كۆرە ئىككى كۈندىن كېيىن ئابدۇقادىر ياپچانغا سوت ئېچىلىدۇ. خىتاي تۈركىيەگە قارىتا ئەزەلدىن سەمىمىي بولۇپ باقمىغان بولۇپ، لياۋنىڭ ماركىلىق ئاۋئىاماتكىسى بوسفوروس بوغىزى ۋە داردانىل بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان چاغدا قىلغان ۋەدىلىرىنى گەرچە 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ تېخىچە تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغىنى يوق. يىلدا بىر مىليون ساياھەتچى ئەكىلىمەن  دېگىنى بىلەن 2015، 2017 ۋە 2018- يىللاردىلا ئەڭ كۆپ ساياھەتچى ئەۋەتكەن ۋاقىتلىرىدىمۇ بۇ سان بىر مىليون بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي مۇنداق شەرتلىرىمىزگە كۆنمىسەڭ ساياھەتچىلىرىمىزنى ساڭا ئەۋەتمەيمىز دەپ تۈركىيەنى بىئارام قىلىغلىق. ھازىر خىتاي ساياھەتچىلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە سالىدىغان يەمچۈك ياكى تەھدىد سالىدىغان ئىقتىسادىي قورالىغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەمۇ بار ئەلۋەتتە.  بۇنىڭدىن باشقا خىتاي تۈركىيەگە مەبلەغ سالىمەن ياكى قەرزىز بېرىمەن دەپ كېلۋاتقان ئىدى. شۇڭا تۈركىيە كۆرىنىشتە خىتايغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كېىلۋاتقان ئىدى. بەلكىم بۇ قېتىم بۇ توغرۇلۇق ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەن بولىشى مۇمكىن. يەنى خىتاي تۈركىيە بىلەن تۈزگەن قەرز ۋە مەبلەغ  توختاملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن بولىشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىگە قاراپلا تەھلىل قىلىدىغان بولۇپ، ئىچكى ھالقىلىرىغا دىققەت قىلمايدۇ. خىتاي ھەتتا ئەڭ تەپ تارتىدىغان رۇسىيە ئاكىسىغىمۇ توختامدا ساختىلىق ۋە يالغانچىلىق قىلىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدە ئايدا بىر سان چىقىدىغان دىپلوماتىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاي – رۇسىيە مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رۇسىيە بىلەن توختامنى بەك كۆپ ئىمزالاپ، بەك كۆپ بايانات ئېلان قىلىدىكەن. لېكىن توختامدا دېيىلگەن مەبلەغ سېلىش، قەرز بېرىش ۋە سېتىۋېلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي تۇرىۋالىدىكەن. ھەتتا پۇتىن بۇنىڭغا ئاچچىقلاپ بىر قانچە قېتىم خىتايغىمۇ بارغان ئىشلىرى بار ئىكەن. خىتاينىڭ موشۇنىڭغا ئوخشاش قىلتاقنى ھەممە دۆلەتكە قۇرىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە خىتاي ـ تۈركىيە ئارىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئو قەدەر چوڭ ھەجىملىك ئەمەس. پەقەت تۈركىيە يېقىندىن بېرى خىتايدىن كۆپرەك مال ستىۋېلىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي تۈركىيەنىڭ مەرمەرلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۇنچە كۆپ ئالمايۋاتىدۇ. دېيىلگەن مەبلەغ ۋە قەرز پۇللارنىڭ قانچىلىك ئەمەلىيلەشكەنلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس. پەقەت ھازىرچە كۆپلەپ ساياھەتچى ئەۋەتىپ قويغىنىلا بار. ئىككى دۆلەت يۇقارقى تېمىلاردا كېلىشەلمىگەن بولىشى مۇمكىن.

4– تۈركىيە يىراقنى كۆرۈپ يەتكەن ۋە بەزى ئىشلارنىڭ بىشارىتىنى سەزگەن بولىشى مۇمكىن. ئۆتكەندە بىر تۈرك ئايال مۇخبىر بىر خەۋەر يازدى ۋە شەرقىي تۈرىكستان توغرۇلۇق يېزىلغان ئەڭ ياخشى خەۋەر دەپ ئاتالدى. ئۇ يازغان خەۋىرىدە « ھېچقانداق مەنىۋىي ئۈستۈنلىكى بولىمغان خىتايدىن قورقۇپ ئولتۇرىمىزمۇ ؟» دېدى. شۇنداق، خىتاي كومىنىست پارتىيىسىنىڭ پۇلىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق. پاكىستان قۇيرۇقىنى شىپپاڭشىتقان بولسا خىتاينىڭ پۇلى ئۈچۈن قىلدى. مۇسۇلمان دۆلەتلەر جىم تۇرىۋالغان بولسا يەنە خىتاينىڭ پۇلىنى دەپ شۇنداق قىلدى. لېكىن خىتاينىڭ ئىقتسادىي ئاجىزلاشقا باشلىدى. بۇنىمۇ دېمەيلى . ھازىر ئامېرىكا خىتاينى 1- نۇمۇرلۇق دۈشمەن دەپ دۇنياغا ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلدى. غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى چەتكە قېقىشقا باشلىدى. خۇاۋىينىڭ جاسۇسلۇق سەتچىلىكى دۇنيانى خىتايغا قارىتا قايتىدىن ئويلىنىشقا سەۋەب بولدى. تەرەپ ـ تەرەپتىن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىپ ئابرويى چۈشۈشكە باشلىدى. پەقەت ئافرىقا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىلا ھىچقايسىغا ھېچنىمە دېمەي جىم ياتماقتا. ئەملىيەتتە ئولار ۋەزىيەتنى كۈزىتىۋاتىدۇ ۋە خىتاي ئۆلگىچە پۇلىنى قانچىلىك ئالالىسا ئالماقچى. لېكىن كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا تەڭ كىلەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق ھەددىدىن ئاشقان دىكتاتورلۇق بىلەن ھاكىميەتتە تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىن. تۈركىيەمۇ مانا مۇشۇنداق ئويلىغان بولىشى ۋە كۆرۈپ يەتكەن بولىشى مۇمكىن. ترامپنىڭ « كومپارتىيە ، ئاڭلاپ تۇر، ئىشلار ئەمدى يېڭى باشلاندى » دېگەن باياناتىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشىنىمۇ ئويلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

5– ئامېرىكا ۋە غەرب ئەملىيەتتە قولىدا بار پۈتۈن مېدىيالارنى ئىشقا سېلىپ خىتايغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھوجۇمغا زىمىن ھازىرلاۋاتقان بولۇپ تۈركىيەمۇ بۇنى كۆرۈپ يەتكەن ۋە نەتىجىسىنى پەرەز قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ياكى كىلەر يىلى خىتاينى ئومۇمىيۈزلۈك قورشاش باشلىنىشى مۇمكىن. تۈركىيە بۇ نوقتىدا توغرا كېمىگە چىقمىسا بولمايدۇ.  

6– ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي سەۋەپ . ۋەتەندە بولىۋاتقان زۇلۇم تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىدى دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز . چۈنكى خىتاي توقۇلما رومان1984 نى رىئاللىققا ئايلاندۇردى ھەتتا ئۆتۈپ كەتتى. تۈركىيە نەقەدەر رېئالىزمچى سىياسەت يۈرگۈزىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت بېشىدا دۆلەت باغچەلى دىن ئىبارەت مىللەتچى شەخس بار. ئۇلار ھەممىدىن خەۋەردار. شۇڭا بۇ زۇلۇمغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ ئىنسانىي ۋە قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلغۇسى كەلگەن بولىشى مۇمكىن .  

7– تۈركىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئويۇن بولىشىنىڭ ئىھتىماللىقى يوق دىيەرلىك. چۈنكى باياناتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى لاگىر مەسلىسى، ئابدۇرېھىم ھېيت بىر مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان .

ئىھتىماللىقلار بۇلاردىن ئىبارەت بولۇپ باشقا بىر سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش قىيىن.

ئەمدى بۈگۈن ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى بىر ۋىدىئونىڭ ۋاستىسى بىلەن ئوتترىغا چىقتى. بۇ ۋىدىئونىڭ راست بولۇشىنىڭ ئىھتىماللىقى بەك يۇقىرى. چۈنكى ئېغىز ھەرىكىتى بىلەن گەپنىڭ مەزمۇنى بىرـ بىرىگە ماسلىشىدۇ. ئەڭ ئاۋال بۇ بىر خوش خەۋەر. ئەزىمەت سەنئەتكارىمىز ھايات ئىكەن. لېكىن بۇ كىرزىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرسىدا بەس مۇنازىرە بولماقتا.  

1– ئەڭ ئاۋۋال تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيادىكى  پۈتۈن تەشكىلاتلارنىڭ ئىمزاسى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىتا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرگەن بىر پارچە تەشەككۈرنامە ئېلان قىلىش كېرەك . تەشەككۈرنامىدە مۇنداق ئىككى مەزمۇن بولىشى كېرەك. بىرىنچى، زۇلۇمغا قارشى ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىگە بولغان مىننەتدارلىقىمز، ئىككىنچىسى، ئابدۇرېھىم ھېيت ھەققىدىكى يالغان خەۋەرنىڭ چىقىشىغا خىتاينىڭ ۋەتەندىكى پۈتۈن ئالاقىنى كېسىپ تاشلىغانلىقىدەك ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايىتىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكى، بىر ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھاياتلىقى بىلەن خىتاينىڭ گۇناھسىز بولۇپ قالمايدىغانلىقى. 

2– بۇ بىرلەشمە باياناتتىن كېين ھەرقايسى تەشكىلات لىدىرلىرىمىز ۋە ئاكتىپ تونۇلغان پائالىيەتچىلىرىمىز ۋىدىئولۇق بايانات ئېلان قىلشى كېرەك . (ھىچبولمىسا يازمىچە )  بايانات ياكى يازمىدا مۇنداق تۈردىكى مەزمۇنلار بولشى كېرەك .

بىرىنچى: يالغانچى ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي. چۈنكى خىتاينىڭ ۋەتەننى پۈتۈنلەي سىرتقى دۇنيا بىلەن ئايرىپ تاشلىشى بۇ مەلۇماتنىڭ خاتالىقىغا سەۋەب بولغان. ئەگەر ۋەتەن خىتاي دېگەندەك گۈللۈك گۈلىستانلىق بولغان بولسا بۇنچىۋالا بىلگى كىرلىگى بولمايتى. شۇڭا تۈركىيەنىڭ باياناتىدىكى ئابدۇرېھىم ھېيت ھەققىدىكى بايانلارنىڭ خاتا بولىشىنىڭ باش جىنايەتچىسى خىتاي.

ئىككىنچى : خىتاي ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋىدىئوسىنى تارقاتتى. باشقا يۈزلىگەن زىيالىلار ۋە بايلار ۋە مىڭلىغان قاماققا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭمۇ ۋىدىئوسىنى تارقاتسۇن .

ئۈچنچى : ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ باياناتىدا زورلاپ ئىقرار قىلدۇرۇش بارمۇ يوق، پىسخولوگلار باھا بېرىپ باقسۇن . خىتاي تېخى ئابدۇرېھىم ھېيتقا نورمال كوچىلاردا كىيىدىغان يۇڭ مايكا كەيدۈرۈپتۇ، خىتاي 2 يىل تۇتۇپ تۇرغان بىر كىشىنى ئاشۇنداق كىيندۈرەمدۇ؟

تۆتىنجى :  خىتاينىڭ باياناتچىسى دېگەندەك شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچرىماي ياشاۋاتقان بولسا نېمىشقا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىسى بىلەن كۆرىشەلمەيدۇ ؟

بەشىنچى : تۈركىيەگە خىتاي ساياھەتچىلەر تولۇپ تېشىپ كىتىۋاتىدۇ ، نىمە ئۈچۈن بىرمۇ ئۇيغۇر ساياھەتچى كەلمەيدۇ؟

ئالتىنچى: ۋەتەندە ھايات نۇرمال بولسا، خىتاي تۈركىيە بىلەن سودا تىجارەت قىلىشتا سەمىمي بولسا نېمشقا ۋەتەندە تۈرك ماللىرىنى چەكلەيدۇ؟ ئىشەنمىسە ئاقسارايدىكى كارگو شىركەتلىرىدىن سورسا ۋەتەنگە مال مېڭىۋاتامدۇ يوق دەپ بىرىدۇ. ئۇيغۇر كارگوچىلار نىمە ئۈچۈن يوق بولۇپ كەتتى. خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن ئىقتسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكىنى بۇمۇ ؟

يەتتىنچى :  خىتاي ۋەتەندە زۇلۇم يوق، ئامېرىكا ۋە غەرب ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتىدۇ دەيدۇ . ئۇنداق بولسا نېمىشقا غەربنىڭ مىدىياسىنى باشلاپ ئاپرىپ خالىغان يېرىنى كۆرستىپ ئولارنى مات قىلىۋەتمەيدۇ؟

سەككىزىنچى : يۈزلەرچە قازاق ۋە يۈزلەرچە ئۇيغۇر يوق بولۇپ كەتكەن ئاتا ئانسى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەردى. خىتاي بۇنىڭغا نېمە دەيدۇ؟ خىتاي بەك ياخشى سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقان بولسا نېمشقا بىر قازاق ئەر خىتايغا قايتۇرۋەتمە دەپ بوينىنى كېسىۋالىدۇ؟ ۋە ۋېدىئو ئەۋەتىدۇ؟

توققۇزىنچى : يۇقارقىدەك مەسىلىلەر بار بىر ھالەتتە خىتايىنىڭ دېگىنىدەك شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يوق دېگەن گەپ پۈت دەسسەپ تۇرالامدۇ ؟ بۇلار ئەجىبا جىنايەت ئەمەسمۇ ؟ ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ھايات بولىشى خىتاينىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالمايۋاتقانلىقىغا ئىسپات بولالامدۇ ؟

ئونىنچى : يەنە بولسا يەنە .

بۇ باياناتلاردىن كېين گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلار ۋە باشقا ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ كۆپلەپ تارقىتىشى ۋە يۇقارقى مەزمۇندا فەيسبۇك ۋە تىۋىتىرلاردا يازما ئېلان قىلىشى لازىم .

خىتاي ۋە دوغۇ پەرنچەك ئەتىلا ھوجۇمغا ئۆتىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ھودۇقۇپ كەتمەي قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتىشى كېرەك. چۈنكى خىتاينىڭ زۇلىمى ھەقىقەت ۋە قولدا يېتىپ ئاشقۇدەك ئىسپات بار. خىتاينىڭ ئابدۇرېھىم ھېيتنى تۇتقا قىلىپ ئويۇن ئوينىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

قورالبالدىقىغا ئاتلايمەن