ئامېرىكا ئاۋازى: كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقى خۇا ۋېي بىلەن يېڭى تەتقىقات ھەمكارلىقىنى توختىتىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 9- فېۋرال

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-10

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقى بىر قانچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېي بىلەن يېڭى تەتقىقات ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەكتەپ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خۇا ۋېيغا قارىتا جىنايى ئىشلار شىكايىتى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن بۇ قارارنى چىقارغان.

ئەنگىلىيىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى « تەبىئەت » ژۇرنىلىنىڭ تور بېتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېكساس ئۇنىۋېرسىتى ئاۋستىن تارمىقىمۇ بۇ ژورنالغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەكتەپ خۇا ۋېي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، ئەنگىلىيىنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى خۇا ۋېيدىن كىلىدىغان كاپىتالنى قۇبۇل قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: « يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى خۇا ۋېي بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ھەمكارلىقى خەلقنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئېغىرلاشتۇردى.»

2018- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىن ئېتىبارەن، خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېي دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە نەزەر سېلىنىشقا ۋە دىققەت بىلەن قاراشقا دۇچ كەلدى. خۇا ۋېي ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېلېگراف تورى تەرەققىياتىدا قوللىنىلىشى بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ يىل 1- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىىتىرلىقى نيۇ يوركتا خۇا ۋېيغا قارىتا 13تۈرلۈك جىنايى ئىشلار بۇيىچە ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ بانكا ئالدامچىلىقى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، ئىقتىسادىي مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش، پۇل يۇيۇش ۋە سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇاۋېي يەنە ۋاشىنگىتون شتاتىدا قانۇن يۈرگۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ۋە تېلېپرىنتىر ئالدامچىلىق جىنايىتى قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلەندى.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقىنىڭ تەتقىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى لاندى كاسى يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىلەرگە يازغان بىر پارچە خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:« بۇلار ئىنتايىن ئېغىر ئەيىبلەش بولۇپ، كەسكىن ئىنكاس بىلدۈرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.» لاندى كاسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئەيىبلەشكە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، بېركېلىي تارماق مەكتىپىنىڭ بۇ شىركەت ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەتقىقات ھەمكارلىقىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ۋە ياكى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ شىركەت، تارماق شىركەتلىرى ۋە قاراشلىق ئورگانلىرى تەمىنلىگەن تەتقىقات ھەدىيەسىنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

بىراق بۇ مەكتەپ ھازىرقى خۇا ۋېي تەمىنلىگەن مەبلەغ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىكەن.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقى باياناتچىسى دەن موگولوف بىر پارچە ئىلخېتىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ 1930- يىللىرىدىن باشلاپلا نەتىجىسىنى «ئوچۇق ئاشكارىلىغىلى بولمايدىغان» تەتقىقاتقا قاتنىشىشنى چەكلەيدىغان سىياسىتى بار بولۇپ، پەقەت ئامېرىكا ھۆكىمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىكى تۈرلىرى بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن. بۇ باياناتچىنىڭ دېيىشىچە، بېركېلىي تارماق مەكتىپىدىكى تەتقىقاتچىلار «سەزگۈر» تېخنىكا مەخپىيەتلىكى ۋە بىلىمىگە چېتىلمايدىكەن.

« تەبىئەت» ژۇرنىلى نەقىل كەلتۈرگەن خۇا ۋېي ئېلان قىلغان رەقەملەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەت 2017- يىلى تەتقىقات ئۈچۈن تەخمىنەن 13 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتلارغا ھەمكارلىق شېرىكى شەكلىدە سالغان مەبلەغنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.  

لاندى كاسى خېتىدە مۇنۇلارنى يازغان: « كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقى مۇمكىنقەدەر ئەڭ يۇقىرى بولغان شىركەت قىلمىشى ئۆلچىمى بىلەن تەتقىقات ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا تەلەپ قويىدۇ. بۇ ئەيىپلەشلەرنىڭ ئېغىرلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇمان ۋە ئەنسىرەشلەرنى پەقەت بىزنىڭ ئەدلىيە سىستېمىمىزلا بىر تەرەپ قىلالايدۇ.»

بۇ مەكتەپنىڭ بىر باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، خۇا ۋېي ۋە ئامېرىكىدىكى تارماق ئورگىنى «فيۇچېر ۋېي» كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقىدىكى بەش تەتقىقات تۈرى ئۈچۈن مەبلەغ تەمىنلىگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى جەمئىي سوممىسى 7 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

« تەبىئەت» ژۇرنىلى خەۋەر بېرىشىچە، خۇا ۋېي تېكساس ئۇنىۋېرسىتى ئاۋستىن تارمىقىغىمۇ بىر قانچە تەتقىقات تۈرى ئۈچۈن مەبلەغ تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ مەكتەپ ئاللىبۇرۇن خۇا ۋېينى « سەزگۈر گەۋدە» دەپ قارىغان، بۇ خۇا ۋېينىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ئېكىسپورت خەۋپىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتچىلارغا ۋە بۇ شىركەتكە قارىتا ئۆزئارا باشقۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە يېتەكلەش پرىنسىپى بار ئىكەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar